بەھائىي دۇئالىرى

.Uygurca – Uyğurca – Уйгур чĕлхи – Uyg’urcha – ئۇيغۇرچە‎

ۋا، تەڭرىم!
سېنىڭ گۈزەللىگىڭ بولسۇن مېنىڭ ئوزۇقۇم،
سېنىڭ بار ئىكەنلىكىڭ-بولسۇن ئۇسسۇزلۇقۇم.
سېنىڭ رەھىمدىللىقىڭ-بولسۇن ئۈمۈدۈم،
ئالقىش ساڭا-مېنىڭ ھەركىتىم.
سېنى يادلاش-بولسۇن مېنىڭ ھەمراھىم،
ئالەمنىڭ قۇۋۋىتى-ماڭا بولسۇن ياردەمچى!
ماكانىڭ سېنىڭ-مېنىڭمۇ ئۆيۈم،
سەن مەدھىيلىگەن يەر-مېنىڭ باش-پاناھىم.
ئۇ سەندىن جېنى بۆلۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ چېكىدە.
ھەقىقەتەنمۇ، سەن قۇدرەتلىكسەن، داڭلىقسەن، كۈچلۈكسەن.

 

a

.

ئاللاھىم، ماڭا يول كۆرسەت، مېنى ساقلا، مېنىڭ يۈرۈكىمگە شام يېقىپ مېنى چاقنىغان يۇلتۇز قىلغىن. سەن قۇدرەتلىكسەن ۋە كۈچلۈكسەن.

(Allahım, mana yol körset, meni sakla menin yürükimge şam yekip meni çagnıgan yultuz kılgın. Sen küdretliksen hem küçlüksen.)

a

ئېيتقىن:خۇدا ھەممىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىدۇ،ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك،يەردىمۇ،كۆكتىمۇ خۇدادىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياردەم قىلالمايدۇ،ھەقىقەتەنمۇ،ئۇ-باشلىغۇچى،كۈچ بەرگۈچى،ئەڭ قۇدرەتلىك.

(Eytkin: Huda hemmige tek bolıp beridu. O hemmidin buyuk, yerde mu kökte mu Hudadan başka hiş kim ünig kandak yardem kılalmaydu. Hekikatinmu, O başliguci, küş bergüci hem kudretlik.)

a

ئاللاھىم، سەن مېنى ياراتتىڭ. مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھ. ساڭىلا ئىشىنىپ ساڭىلا تىۋىنىمەن. دول مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىقىمغا ۋە سېنىڭ بولسا كۈچلۈكلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. سەندىن باشقا ئاللاھ، سەندىن باشقا ياراتقۇچى، ياردەمچى يوق.

a

ئاللاھىم، مېنىڭ روھىمنى يېڭىلا، شاتلاندۇر، يۈرۈگۈمنى تازلا، كۈچۈمگە كۈچ قوشقىنا. بارلىق ئىش ھەركىتىمنى ساڭا ئىشىنىپ تاپشۇرىمەن. سەن مېنىڭ يىتەكچىمسەن، يەنە سەن مېنىڭ باش-پاناھىمسەن. مەن ئەمدى غەم-قايغۇغا چۈشمەيمەن، بەخىتلىك ۋە خوشال بولىمەن. ھېچ قاچان تەشۋىشلەنمەيمەن. قايغۇ-ھەسرەت ماڭا تەسىر قىلمايدۇ. ئەمدى تىرىكچىلىكتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە، خىجالەتسىزلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن.  ئاللاھىم! سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمسەن. مەن ئۆزەمنى ساڭا بېغىشلايمەن.

a

گۈزەل ئاللاھىم! مەن ساڭا نەزىرىمنى بۇراپ، سېنىڭ راھىتىڭنىڭ مۆجىزىلىرىگە، سېنىڭ پاراۋانلىق يېڭىلىقلىرىڭغا ئۈمۈد يىپىنى ئۇلىغان بەندىمەن. يالۋۇرىمەن ساڭا، سېنىڭ رەھىم دەرۋازاڭنىڭ ئالدىدىن ئىخلاسىمنى قايتۇرۇپ كەينىمگە قايتماي.مېنى سېنىڭ ئىشىڭدىن چەتتە قالغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ يۈرمە .

a

گۈزەل ئاللاھىم! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن. سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادىمەن. سېنىڭ ھەقلىقىڭنى تونۇدۇم. سېنىڭ ھەقلىقىڭنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، سېنىڭ ھەق ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ تۇرۇپ، سەن مېنى كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى تازلايسەن دىگەن ئۈمۈتتە سېنىڭ ھەقلىقىڭنىڭ ياقىسىغا قەدەم باستىم. سەن ھەممىنى قىلالايدىغان قۇدرەتلىكسەن، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ رەھىمدىلسەن، سەندىن باشقا خۇدا يوق.

a

ئاللاھ ھەممىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك. يەردىمۇ، كۆكتىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىزگە ھېچقانداق ياردەم قىلالمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ باشلىغۇچى.كۈچ بەرگۈچى،ئەڭ قۇدرەتلىك.


بەھائىي دۇئالىرى için yorumlar kapalı